ئۆزبېكىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 298 گە يەتتى

2020.04.07 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە، ساقچىلار كوچىدا موتسىكلىت ھەيدىگۈچىنىڭ سىرتقا چىقىش مەقسىتىنى سورىماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 5-ئاپرېل سائەت 17 گە قەدەر، ئۆزبېكىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى جەمئىي 298 گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئادەم ئۆلدى، 25 ئادەم ساقايدى. 6-ئاپرېل سائەت 6 دىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى پايتەخت تاشكەنت قاتارلىق ئاساسلىق شەھەرلەردە ۋېلىسىپىت، موتوسىكلىت قاتنىشىنى چەكلەپ، بازار ۋە تاللا بازىرى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى مەجبۇرىي ئۆلچىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ