جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى: يەر شارى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار مىليوندىن ئاشتى

2020.04.03 17:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاپرېل كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، كىشىلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى مۇناسىۋىتى بىلەن تاقالغان كۆڭۈل ئېچىش مەيدانلىرىدىن ئۆتتى. ئامېرىكا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى 2- چېسلا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليوندىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ