مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە 1 مىليونغا يېتىدۇ

2020.04.02 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي 1- ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەڭ تارقىلىپ، ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتىدىن بۇيان دۇنيا بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن بىمارلارنىڭ سانى كۆرسەتكۈچ دەرىجىسىدە ئېشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە دۇنيا بويىچە يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارنىڭ سانى 1 مىليونغا يېتىدۇ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 50 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  تەن دېسەي شۇ كۈنى قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىگە ۋە يۇقۇمنىڭ دۇنيا بويىچە تارقىلىشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر ھەپتىدە يەر شارىدا ئۆلگەن بىمارلارنىڭ سانى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك كۆپەيدى، يۇقۇم بارلىق دۆلەت ۋە رايونلارغا دېگۈدەك تارقالدى، كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە پۈتۈن يەر شارىدا يۇقۇمغا گېرىپتار بولغانلار ۋە ئۇنىڭدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1 مىليون ۋە 50 مىڭدىن ئاشىدۇ.

  گەرچە ئافرىقا، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەلىرىدە بىمارلارنىڭ سانى نىسبەتەن ئاز بولسىمۇ، لېكىن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەرەز قىلىپ، يۇقۇم ۋەزىيىتى بۇ رايونلارغا ئېغىر ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن، دەپ قارىدى. تەندېسەي بۇ دۆلەتلەرگە مۇراجىئەت قىلىپ، بىمارلارنى بايقاش، تەكشۈرۈش، ئايرىۋېتىپ كۆزىتىش ۋە داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىش كېرەكلىكى، ھەمدە كېسەللىك بىلەن ئۇچراشقۇچىلارنى تېز بېكىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

  ئۇ يەنە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى دەرھال ئىجتىمائىي پاراۋانلىق تەدبىرى قوللىنىپ، ئاجىزلارنىڭ بۇ قېتىمقى كىرىزىستا ئاشلىق ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىقلارغا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. بۇ دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ دۆلەتلەردىكى خەلقلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ۋەيران بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قەرزىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ