جۇڭگو ئۇكرائىنانى يۇقۇملۇق كېسەلگە قارشى تۇرۇشتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىدى

2020.04.02 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 4-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوكرائىنانىڭ كىيېۋتا، خىزمەتچى خادىملار جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوكرائىناغا ياردەم قىلغان يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئوكرائىناغا ياردەم قىلغان يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي ئەشيالىرى 1- ئاپرېل كىيېۋقا يېتىپ باردى. ئۇكرائىنا سەھىيە مىنىستىرلىقى 31-مارت كەچتە ئېلان قىلغان يۇقۇم ئەھۋالى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 31-مارت ئۇكرائىنادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 97سى يېڭىدىن كۆپەيگەن، جەمئىي ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 645 بولۇپ، جەمئىي 17 كىشى ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ