پاكىستاندا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 2000 دىن ئېشىپ كەتتى

2020.04.02 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاپرېل پاكىستاننىڭ لاھۇردا تارتىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا زەربە بېرىش ئۈچۈن ياسالغان چاسا بۆلمە دوختۇرخانىسى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە، شۇ كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى، 31-مارت كەچتە ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا سېلىشتۇرغاندا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار يېڭىدىن 101 نەپەر كۆپەيدى، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان جەمئىي بىمار 2039 نەپەرگە يەتتى، جەمئىي 26 ئادەم ئۆلدى، جەمئىي 82 ئادەم داۋالاپ ساقايتىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ