جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى: ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى 160 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

2020.03.31 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31– مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 30- مارت، ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شىتاتىنىڭ ئارلىنگتوندا، رىگان ۋاشىنگتون دۆلەت ئايرودرومىدا يولۇچىلار ئاز كۆرۈندى. ئامېرىكا جونس خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى 30- چېسلا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىدا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 160مىڭدىن ئاشقان. ئامېرىكا ھازىر دۇنيا بويىچە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغا گېرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ