مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى بېكىتىلدى

2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېچىلىدۇ

2020.03.31 17:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن توكيو ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى 30- مارت بىرلىشىپ، كېچىكتۈرۈلگەن توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە بولغانلىقىنى، توكيو مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

  توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سېن شىلاڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، مۇسابىقە ۋاقتىنى ئېلان قىلدى. ئۇ: «مۇسابىقە ۋاقتى يەنىلا كەلگۈسىدىكى تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئاساسى، مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى، ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى تېز بېكىتىش كەلگۈسىدىكى تەييارلىق خىزمىتىنى تېزلىتىشكە پايدىلىق»، دېدى.

  24-مارت، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، يېڭى مۇسابىقە ۋاقتى دۇنيا دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى باخ ئىلگىرى مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ تۆت ھەپتە ئىچىدە بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ھەمدە ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

  توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى شۇ كۈنى ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى ئېچىپ، مۇسابىقە ۋاقتىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتتى. ئارقىدىن سېن شىلاڭ باشچىلىقىدىكى توكيو ئولىمپىك تەشكىلىي كومىتېتى ۋەكىللىرى باخ ۋەكىللىكىدىكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، يۇقىرىقى ۋاقىتنى بېكىتتى، بۇ ۋاقىت ئەسلىدە بېكىتىلگەن بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقىت بىلەن بىر كۈن كەم بىر يىل پەرقلىنىدۇ. شۇ چاغدا ئۆتكۈزۈلىدىغان توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنىلا «توكيو 2020-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە مېيىپلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» دېگەن نام قوللىنىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ