خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 30-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 610 مىڭ 777گە يەتكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۈندىلىك يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 30-چېسلا سائەت 10 (بېيجىڭ ۋاقتى 30-چېسلا سائەت 16) گىچە، جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 58 مىڭ 305 ى كۆپىيىپ، 610 مىڭ 777 گە يەتكەن؛ جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردىكى ئۆلگەنلەر سانى ئالدىنقى كۈندىكىدىن 3211ى كۆپىيىپ 29 مىڭ 796گە يەتكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ