مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

قازاقىستاندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار 200دىن ئاشتى

2020.03.30 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30– مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 28- مارت سائەت 15 كىچە، قازاقىستاندا يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ سانى 204كە يەتكەن. بۇنىڭدىن 15 ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن، بىر ئادەم ئۆلگەن. پايتەخت نۇرسۇلتاندا 117 كىشى يۇقۇمغا گېرىپتار بولغان دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان بولۇپ، پايتەخت نۇرسۇلتان ھازىر مەملىكەت بويىچە يۇقۇم ئەڭ ئېغىر بولغان شەھەر ھېسابلىنىدىكەن. قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملىرى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پايتەخت كوچىلىرىنى چارلاشنى كۈچەيتىدىكەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، دۆلەت جىددىي ھالەت كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قارارىدا، بۈگۈندىن باشلاپ 5- ئاپرېلغىچە، نۇرسۇلتاندىكى ھەرقايسى ئورۇنلار ۋە تەشكىلاتلار ئىش بېجىرىشنى توختىتىپ، بارلىق ئاممىۋى قاتناشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىكەن. بۇ مەزگىلدە تېببىي خادىملار، قانۇننى قوغداش ئورگىنى خادىملىرى، شەھەر مەمۇرىيىتى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە شەھەر تۇرمۇش كاپالىتى سىستېمىسىدىكى خادىملار نورمال ئىشلەشكە رۇخسەت قىلىنىدىكەن. ئادەتتىكى شەھەر ئاھالىسىنىڭ يېمەكلىك ۋە دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق سەۋەبلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تۇرار جايىدىن ئايرىلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن.

  قازاقىستان ئۇچۇر ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئاببايېف شۇ كۈنى خېلى بۇرۇنلا تاراتقۇلار ئارقىلىق شەھەر ئاھالىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مۇنۇلارنى ئۇقتۇرغان: ئايرىۋېتىپ كۆزىتىشنى كۈچەيتىش تەدبىرى يولغا قويۇلغان مەزگىلدە، چارلىغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك ھوقۇقلارغا ئىگە: يەنى، سىرتقا چىققان شەھەر ئاھالىسىنى سۈرۈشتە قىلىش؛ شەھەر ئاھالىسى ئۆزلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشتىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈش تۈزۈمى بويىچە بەلگىلەنگەن جايغا بېرىپ كېرەكلىك يېمەكلىكلەر ياكى دورىلارنى سېتىۋېلىپ بولغاندىن كېيىن، دەرھال تۇرالغۇسىغا قايتىشىنى نازارەت قىلىش قاتارلىقلار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ