ئۆزبېكىستان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس دوختۇرخانا قۇرۇشنى چىڭ تۇتتى

2020.03.30 17:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30– مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۆزبېكىستاننىڭ پايتەختى تاشكەنتتە قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىغا گېرىپتار بولغان بىمارلارنى داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس دوختۇرخانىدا ئىشچىلار قۇرۇلۇشنى چىڭ تۇتماقتا. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنى مەركەزلىك داۋالاش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنت يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدىغان 3 مەخسۇس دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى تېزلەتتى. ئۆزبېكىستان سەھىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 27- چېسلا سائەت 10 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەنگە قەدەر، بۇ دۆلەتتە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گېرىپتار بولغان بىمار جەمئىي 83 نەپەرگە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ