مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن

2020.03.30 17:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىكى زاتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىنكى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

  ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقى ئىچكى قىسىمدىكى بۇ زاتنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇشىدا بەك چوڭ ئۆزگىرىش قىلماسلىق ئۈچۈن، كېلەر يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئەسلىدىكى ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن، دېدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئەسلىي بۇ يىل 7-ئاينىڭ 24-كۈنى جۈمە باشلىنىپ، 17 كۈن داۋاملىشىپ، 8-ئاينىڭ 9-كۈنى يەكشەنبە يېپىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن، 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى جۈمە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئېچىلىش مۇراسىمىنى بۇ كۈنگە بېكىتىش بىرقەدەر مۇۋاپىق بولغاچقا، يېپىلىش ۋاقتىمۇ 8-ئاينىڭ 8-كۈنىگە ئۆزگىرەيدىكەن.

  بۇ كىشى يەنە مۇنداق دېدى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ «ئالاھىدە پىلان بۆلۈمى» نۇرغۇن لايىھەلەرنى ئويلاشتى، ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈش ئېھتىماللىقىنىمۇ ئويلىشىپ باقتى، لېكىن يازدا ئۆتكۈزۈشنىڭ پايدىلىق تەرىپى ھەممىگە ئايان: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىپ قالسا، ئۇنىڭغا ۋاقىت ئاجرىتىپ بېرىش ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سېن شىلاڭ ئالدىنقى كۈنى تېلېۋىزىيە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەتىيازدا ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقى، 6-ئايدىن 9-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كېيىنكى ھەپتە كەچتە كۆپچىلىككە ئاخىرقى مۇزاكىرىلىشىش نەتىجىسىنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ