مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى دۇنيا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ ئىككىنچى كۆزنەك مەزگىلىگە دۇچ كەلدى، دېدى

2020.03.26 17:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جەنۋە خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 25-مارت شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە دۇنيا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى كونترول قىلىشنىڭ ئىككىنچى كۆزنەك مەزگىلىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، تېخىمۇ توغرا تەدبىر قوللىنىپ، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلارنى پەرقلەندۈرۈپ داۋالاپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش زەنجىرىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.

  تېدروس مۇنداق دېدى: يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەر مەكتەپلەرنى تاقاپ، سودا پائالىيىتى ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ، خادىملارنىڭ يۆتكىلىشىگە چەك قويۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ناھايىتى زور ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنىڭ يەنە بىر كۆزنەك مەزگىلى. ئەمدى تېخىمۇ توغرا تەدبىر قوللىنىپ، كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش، بايقاش، ئايرىش، داۋالاش كېرەك. بۇ، يۇقۇم ئەھۋالىنى تېز توسۇپ، نورمال تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالتە نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، داۋالاش خادىملىرىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ داۋالاش خادىملىرىنى يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم؛ ئىككىنچى، چارە تېپىپ، مەھەللە قاتلىمىدىن ھەر بىر گۇمانلىق كېسەلنى تەكشۈرۈش لازىم؛ ئۈچىنچى، رېئاكتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈش ئىقتىدارى ۋە مۇلازىمەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش لازىم؛ تۆتىنچى، ئەسلىھەلەرنى ئۆزگەرتىپ، بىمارلارنى داۋالاش، ئايرىۋېتىش لازىم؛ بەشىنچى، ئېنىق پىلان ۋە تەرتىپ ئورنىتىپ، قويۇق ئۇچراشقانلارنى ئايرىۋېتىش لازىم؛ ئالتىنچى، پۈتۈن ھۆكۈمەت ھەرىكەت قىلىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى ئورتاق توسۇش كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە جىددىي تۈرىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى مارىيە ۋانكېلكخوف جۇڭگونىڭ رايونلارغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى مەخسۇس تونۇشتۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ