مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جونس خوپكىنس داشۆسى دۇنيادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 400 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى

2020.03.25 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسى 24-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 24-مارت سائەت 13 تىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە (بېيجىڭ ۋاقتى 25-مارت سائەت 1 دىن 30 مىنۇت ئۆتكىچە)، دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار سانى 400 مىڭدىن ئېشىپ، 407 مىڭ 485كە يەتكەن. پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئۆلگەنلەر 18 مىڭ 227گە يەتكەن.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگودىن باشقا، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلار سانى 10 مىڭدىن ئاشقان دۆلەتلەردىن ئىتالىيە، ئامېرىكا، ئىسپانىيە، گېرمانىيە، ئىران ۋە فىرانسىيە قاتارلىقلار بار ئىكەن. يۇقۇم ئەھۋالى دۇنيادىكى 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تەسىر كۆرسەتكەن. بۇ سانلىق مەلۇماتلار جونس خوپكىنس داشۆسى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تەتقىقات تۈرىنىڭ ھەر ۋاقىت جەملىگەن ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن كەلگەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ