مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

2050- يىلىغا بارغاندا- پۈتۈن دۇنيادا 3 مىليارد 500 مىليون ئادەمنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ

2020.03.25 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- چېسلا كۈنى بولسا، ب د ت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «دۇنيا سۇ كۈنى». ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەگەر دەرھال كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا، 2050- يىلىغا بارغاندا، پۈتۈن دۇنيادا 3 مىليارد 500 مىليوندىن ئاريۇق، ھەتتا 4 مىليارد 400 مىليونغىچە ئادەمنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 1 مىليارد ئادەم شەھەردە ياشايدىغانلار.

  بۇ يىل «دۇنيا سۇ كۈنى»دە «سۇ ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى» تېمىسى نۇقتىلىق دىققەت قىلىندى. گۇتېررېسنىڭ شۇ كۈنكى سۆزىدە مۇنداق دېيىلگەن: دۇنيادىكى سۇ بايلىقى مىسلىسىز ھالدا تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 2 مىليارد 200 مىليون ئادەم بىخەتەر ئىچىملىك سۇ كەمچىل بولغان ھالەتتە تۇرىۋاتىدۇ، 4 مىليارد 200 مىليون ئادەم يېتەرلىك تازىلىق ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولغان مۇھىتتا ياشاۋاتىدۇ. ئەگەر بىز جىددىي ھەرىكەت قوللانمىساق، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرى بۇ خىل سان-سىفىرلارنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشى ۋە سۇ بايلىقىنى تىنىم تاپماستىن سىجىل تۈردە ئىشلىتىشىمىز جەزمەن مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى سۇ بايلىقى كەمچىللىكى مەسىلىسىنى ۋە نەچچە مىليون كىشىنىڭ سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ جەزمەن ساغلاملىق ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەمدە ئۇ «مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇش تەھدىتلىرىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشى»غا زامىن بولىدۇ. گۇتېررېس خەلقئارا جەمئىيەتنى چوقۇم ساغلام بولغان سۇ دائىرىسىگە ۋە سۇ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشنى دەرھال زورايتىشقا ۋە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ