ئىتالىيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلار 60 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

2020.03.24 17:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 23- كۈنى ئىتالىيەنىڭ رىمدا، بىر ئەر كەڭتاشا كەتكەن تېرمىنى پويىز ئىستانسىسىدا پويىز كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئىتالىيە ھەق تەلەپ قوغداش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش كومىتېتىنىڭ ۋالىيسى بوللېي 23- چېسلا مۇنداق دېدى: شۇ كۈنى سائەت 18 گىچە، ئىتالىيەدە جەمئىي 63 مىڭ 927 كىشى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىن 6077 كىشى ئۆلگەن، 7432 كىشى ساقايغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ