مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يەر شارى بويىچە يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 330 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى كەڭ تارقالدى، تېز تارقىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى، دېدى

2020.03.24 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  جەنۋە خەۋىرى: شۇ جاي ۋاقتى 23- مارت، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 63- قارارلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى توغرىسىدا قىسقا دوكلات ئېلان قىلدى. قىسقا دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 23-مارت سائەت 10 (بېيجىڭ ۋاقتى 23-مارت سائەت 17) گىچە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىماردىن 332 مىڭ 930نى مەلۇم قىلغان، يېڭىدىن 40 مىڭ 788 بىمار كۆپەيگەن، 14 مىڭ 510 بىمار ئۆلگەن، ئۆلگەنلەر سانى يېڭىدىن 1727 نەپەر كۆپەيگەن. جۇڭگودىن باشقا دۆلەتلەردىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئىكەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى 251 مىڭ 329 نەپەر بولغان.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دوكلات قىلغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەل سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، ھەممە دۆلەت دېگۈدەك تەسىرگە ئۇچرىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كەڭ تارقىلىشى تېز سۈرئەتتە تارقىلىشقا قاراپ يۈزلەندى، تۇنجى بىماردىن 100 مىڭىنچى بىمارغىچە 67 كۈن كەتتى، 100 مىڭىنچى بىماردىن 200 مىڭىنچى بىمارغا كۆپىيىشكە 11 كۈن كەتتى، 200 مىڭىنچى بىماردىن 300 مىڭىنچى بىمارغا يېتىشكە، پەقەت تۆت كۈن كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ