مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جون خوپكىنس داشۆسى ئامېرىكىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى

2020.03.23 16:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا جون خوپكىنس داشۆسى 22-مارت ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 22-مارت سائەت 15 (بېيجىڭ ۋاقتى 23- مارت سائەت 3) كىچە، ئامېرىكىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارى 31 مىڭ 57 گە يېتىپ، 390 كىشى قازا قىلغان.

  سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نيۇيورك ئىشتاتىدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار ئەڭ كۆپ بولۇپ، 15 مىڭ 783 ئادەمگە يەتكەن، 114 ئادەم ئۆلگەن؛ ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا 1793 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، 94 كىشى ئۆلگەن؛ كالېفورنىيە ئىشتاتىدا 1547 ئادەمگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، 28 ئادەم قازا قىلغان.

  يۇقىرىقى سانلىق مەلۇمات بۇ داشۆنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس تەتقىقات تۈرى ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ئىشتاتلىرىنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى دوكلاتىنى جەملەشتىن كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ