مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇس ھەققىدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇنى ئالاھىدە رايون بىلەن باغلاشقا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى

2020.03.20 17:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جەنۋە خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 18- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنى «جۇڭگو ۋىرۇسى» دەپ ئاتاشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي سەھىيە ۋەقەسى تۈرىنىڭ مەسئۇلى مايكول رۈيئەن شۇ كۈندىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا: بۇ مەسىلىگە قارىتا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەيدانى ئىنتايىن ئېنىق، يەنى يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ، ئۇنىڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان ئوبيېكتىمۇ ھەرگىز ئىرق، تېرە رەڭگى ۋە باي-نامراتلىقىغا قاراپ ئايرىلمايدۇ. شۇڭا، ۋىرۇسنى ئالاھىدە كىشىلەر توپى بىلەن باغلاشتىن چوقۇم ساقلىنىش كېرەك، دېدى.

  رۇيئەن يەنە: «2009- يىلىدىكى (A تىپلىق) H1N1 تۈرىدىكى تارقىلىشچان زۇكامنىڭ كەڭ تارقىلىشى گەرچە شىمالىي ئامېرىكىدىن باشلانغان بولسىمۇ، بىز ئۇنى «شىمالىي ئامېرىكا تارقىلىشچان زۇكىمى» دەپ ئاتىمىدۇق. مەسىلە باشقا ۋىرۇسلارغا چېتىلغاندىمۇ، بىز يەنىلا ئوخشاش نام بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم.» دېدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بارلىق كىشىلەرگە ۋىرۇسنى مەلۇم بىر رايون بىلەن باغلاشتىن ۋە شۇ سەۋەبتىن شۇ رايونغا «سېسىق نام» پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشنى مۇراجىئەت قىلدى. رۈيئەن يەنە مۇنداق دېدى: يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، پاكىتقا ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي سەھىيە ۋەقەسى تۈرىنىڭ تېخنىكا مەسئۇلى مارىيە ۋانكېلكخوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز-ئارا ياردەم بېرىشتى، نەتىجىدە، كىشىلەر يۇقۇم ئەھۋالىدىن نۇرغۇن ئاق نىيەتلەرنى بايقىدى. مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىتتىپاقلىقنى نامايان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ