مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىلىۋاتىدۇ، دېدى

2020.03.19 17:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇنداق دېدى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا تەشكىللەپ، سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنى بېكىتمەكچى بولدى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تېدروس شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك بىمارى 200 مىڭدىن، ئۆلگەن كېسەللىك بىمارى 8000دىن ئاشتى. ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللىك بىمارىنىڭ %80ى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى ۋە ياۋروپا رايونىدىن كەلگەن.

  يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ۋاكسىنىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئۈستىدە توختالغاندا، تېدروس مۇنداق دېدى: جۇڭگو يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ گېن تەرتىپىنى ھەمبەھرىلەپ 60 كۈندىن كېيىن، تۇنجى ۋاكسىنا سىنىقىنى باشلىدى. بۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان مۇۋەپپەقىيەت. ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئېلىپ بارغان نۇرغۇن كىچىك تىپتىكى سىناقلار ھاياتلىقنى قۇتقۇزۇشقا پايدىلىق ئېنىق، كۈچلۈك دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلىيەلمەسلىكى مۇمكىن، شۇڭا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇماتقا ئېرىشىش ھەم قايسى داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكىنى بېكىتىش ئۈچۈن، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتقا تەشكىللەپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سىناق قىلىنمىغان داۋالاش ئۇسۇللىرىنى سېلىشتۇرۇۋاتىدۇ.

  تېدروس مۇنداق دېدى: بىز بۇ تۈرلۈك تەتقىقاتنى «ئىتتىپاقلىق سىنىقى» دەپ ئاتىدۇق. «ئىتتىپاقلىق سىنىقى» ئاددىي تەرتىپ بىلەن تەمىنلىدى، يۈكى نورمىدىن ئېشىپ ئايلىنىۋاتقان دوختۇرخانىلارمۇ قاتنىشالايدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ سىناققا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ