مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى سانىنى تەقسىملەش پرىنسىپىنى بېكىتتى

2020.03.19 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 17- چېسلا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تۈرى خەلقئارا تەنتەربىيە بىرلەشمىسى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى ھەمدە يىغىندىن كېيىن 2020- يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى توغرىسىدا ئاخبارات ئېلان قىلىپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ سانىنى تەقسىملەش پىرىنسىپىنى ئېلان قىلدى، يەنە تەنھەرىكەتچىلەرنى مۇسابىقە جېڭىگە داۋاملىق تەييارلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ ئولىمپىك سالاھىيەت مۇسابىقىسى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلمەيدىكەن، يەنە نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن. ھازىرغا قەدەر، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان %57 ئورۇن بارلىققا كەلدى، ئېشىپ قالغان %43 مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىغا قارىتا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ھەرقايسى خەلقئارا يەككە تۈر تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ھەر قايسى تۈرلەرنىڭ سانىنى تەقسىملەشتە ھەر قانداق زۆرۈر ھەم ئەمەلىي تەڭشەش ئېلىپ بارىدۇ.

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئورنىغا ئېرىشكەن بارلىق تەنھەرىكەتچىلەر ياكى دۆلەت ۋە رايونلاردىن ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى داۋاملىق ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەگەر مەلۇم تۈر ھازىر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياكى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سالاھىيەت مۇسابىقىسى، مۇسابىقىدە تەنھەرىكەتچىلەر ياكى تەنھەرىكەت كوماندىلىرىنىڭ ئادىل مۇسابىقىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ تۈرنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقىسى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ