چېخ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن دەرس توختىتىپ، ئۆيدە تۇرغان بالىلار ئۈچۈن «تېلېۋىزىيە دەرسخانىسى» تەييارلىدى

2020.03.18 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 16- كۈنى، چېخ پراگادا، ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە ئاڭلىتىش پروگراممىسىغا قاتنىشىشقا تەييارلاندى. 3- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن باشلاپ، چېخ مەملىكەتلىك باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەر يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە دەرس توختاتتى. 16- چېسلا، دەرس توختىتىپ ئۆيدە تۇرغان بالىلارغا تەييارلىغان «تېلېۋىزىيە دەرسخانىسى» چېخ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا قويۇلدى. بۇ بىۋاستە كۆرسىتىلىدىغان پروگراممىنىڭ ئىسمى «ئوقۇتقۇچى» بولۇپ، ۋاقتىنچە بىر ئاي قويۇلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ