ئامېرىكا سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونىدىكى نۇرغۇن ناھىيەدە چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقماي تۇرۇشى تەلەپ قىلىندى

2020.03.18 17:02 مەنبە: خەلق تورى

  3- ئاينىڭ 17- كۈنى، ئامېرىكا سان فىرانسىسكو قولتۇقى رايونى مىلبۇرى شەھىرىدىكى بىر تاللا بازىرىدا، مال جازىسىدا ھېچقانچە مال قالمىدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى سان فرانسىسكو قولتۇقى رايونىدا، يەنى فرانسىسكونى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ناھىيەلەردە چەكلەش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ، ئاھالىلەردىن 17- چېسلا سەھەردىن باشلاپ 4- ئاينىڭ 7- كۈنىگىچە ئۆيدىن چىقماي تۇرۇشىنى، داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، سىرتقا چىقىشنى قەتئىي چەكلەپ، كىشىلەرنىڭ توپلىشىشىدىن ساقلىنىپ، يېڭى تاجىسىمان ۋىرۇسنىڭ مەھەللىدە تارقىلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ