نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچى 16-مارت شىددەت بىلەن تۆۋەنلىدى، تۆۋەنلەش نىسبىتى %11 تىن ئاشتى

2020.03.17 17:25 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سودا خادىملىرى ئامېرىكا ئاكسىيە بېرژىسىدا خىزمەت قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى بازارنى ئەندىشىگە سالغاچقا، نيۇ-يورك پاي چېكى بازىرىدا 16-مارت پاي چېكى باھاسى شىددەت بىلەن چۈشتى ھەمدە يەنە بىر قېتىم سودىنى ئاپتوماتىك توختىتىش مېخانىزمى قوزغىتىلدى، سودا قايتا باشلانغاندىن كېيىن تۆۋەنلەش نىسبىتى كېڭەيدى، سودا ئاخىرلاشقاندا نيۇ-يورك پاي بازىرىدىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى %11 تىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ