مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پولشا مۇھىت مىنىستىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

2020.03.17 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پولشانىڭ مۇھىت مىنىستىرى مىخائىل ۋوش 16-مارت تاراتقۇلاردا ئۆزىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېيتتى.

  پولشا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋوش بىلەن كۆرۈشكەن پولشا دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى بۇنىڭدىن ئىلگىرى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان، ۋوش ئارقىدىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغان، نەتىجىسى مۇسبەت چىققان. ھازىر ۋوش ئايرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ، ھالىتى ياخشى.

  پولشا زۇڭلىسى مولاۋىسكى 16-مارت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە پولشادىكى يۇقۇم ئەھۋالى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، سايلام رىقابىتى پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەسلىدە 5-ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ۋاقتىنچە كېچىكتۈرۈش پىلانى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ