مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگودىن باشقا جايلاردىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر جۇڭگودىكىدىن ئېشىپ كەتتى، دېدى

2020.03.17 17:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭگودىن باشقا جايلاردىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەرنىڭ جۇڭگودىكىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى تالىك ياشارېۋىچ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا، ياۋروپا ئوتتۇرا قىسىم ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 0 (بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سائەت 7)گىچە، دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەرنىڭ 164 مىڭ 837گە يەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگودا 81 مىڭ 77سى، جۇڭگودىن باشقا جايلاردا 83 مىڭ 760ى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  ھازىر، جۇڭگودىن باشقا جايلاردا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر ئەڭ كۆپ بولغىنى ئىتالىيە (24 مىڭ 747)، ئۇنىڭدىن قالسا ئىران (13 مىڭ 983). ئۇنىڭدىن كېيىنكى كورېيە، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، شۋېيتسارىيەلەردە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەر 2000دىن 9000غىچە بولغان.

  ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر دوكلات قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان كېسەللەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقى سەۋەبلىك دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى ياۋروپانىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ «تەۋرەش مەركىزى»گە ئايلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ