ئۆزبېكىستاندا يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تۇنجى بىمارىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى

2020.03.16 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتتە، بىر ئەر ماسكا تاقاپ سىرتقا چىقتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستان سەھىيە تارماقلىرى 15-مارت بۇ دۆلەتتە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى تۇنجى بىمارىغا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى. ئۆزبېكىستان سەھىيە ۋە ئېپىدېمىئولوگىيە مەھكىمىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان تۇنجى بىمار فىرانسىيەدىن قايتىپ كەلگەن ئۆزبېكىستان پۇقراسى ئىكەن. 3-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ، ئۆزبېكىستان بىر قىسىم يۇقۇم ئەھۋالى ئېغىر دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ چېگرادىن كىرىشىنى ۋاقتىنچە چەكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ