جۇڭگونىڭ ئىتالىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا تېز ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرى تۇرىن شەھىرىگە يېتىپ باردى ۋە ئۇلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

2020.03.16 16:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3- ئاينىڭ 14- كۈنى جۇڭگونىڭ مىلاندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى سۇڭ شۆفېڭ (سولدىن 4- كىشى) ۋە ئىتالىيە پىئېمونت چوڭ رايونى سەھىيە نازارىتىنىڭ باشلىقى ئىكاردى (ئوڭدىن 4- كىشى) قاتارلىقلار ئىتالىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تۇرىن شەھىرىدە جۇڭگونىڭ ئىتالىيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىش ماددىي ئەشيالىرىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ماسلاشتۇرۇپ ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  جۇڭگونىڭ مىراندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ 14- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىتالىيە تەرەپ ۋە ئىتالىيە چياۋمىنلار ساھەسىدىكىلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن ماسلىشىشى ئارقىسىدا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جېجياڭ ئۆلكىسى توپلىغان 26.4 توننىلىق ماددىي ئەشيا 13- چېسلا ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى شەھەر تۇرىنغا توشۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ