مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئۆيدە ئىشلەپ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىدۇ

2020.03.16 16:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 15- مارت ئىگىلىشىچە، 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ، خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ شۋېتسارىيە لوساڭ باش ئىشتابىدىكى خىزمەتچىلەر ئۆيىدە ئىشلەيدىكەن، ئىسپانىيە مادرىد ئولىمپىك ئۇلاپ تارقىتىش مۇلازىمەت شىركىتى (OBS)نىڭ خىزمەتچىلىرى ئۆيىدە خىزمەت قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ئولىمپىك مۇزېيىمۇ ئىككى ھەپتە تاقىلىدىكەن. بۇ خىل تەدبىرنى قوللىنىشتىن مەقسەت ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش بولۇپ، بۇ، نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن، يەنى ئۇ توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئولىمپىك تەنھەرىكەت سالاھىيەت مۇسابىقىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

  خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقان پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەت نۇرغۇن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. ۋىروسنىڭ تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش، ھەمدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداش ئۈچۈن، 3- ئاينىڭ 16- كۈنىدىن باشلاپ، ئالاھىدە ئەھۋالنى ھېسابقا ئالمىغاندا، لوساڭ باش شىتابىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر ئۆيلىرىدە خىزمەت قىلىدۇ، قاچان باش شىتابقا قايتىپ بېرىپ ئىشقا چۈشۈش مەسىلىسىگە كېيىن ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيەنىڭ مادرىدقا جايلاشقان ئولىمپىك ئۇلاپ تارقىتىش مۇلازىمەت شىركىتى (OBS) ۋە ئولىمپىك قانىلى مۇلازىمەت شىركىتى (OCS)مۇ شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئۆيىدە ئىشقا چۈشتى.

  بۇ باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتىنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈش، بولۇپمۇ تەنھەرىكەتچىلەر ۋە تەنھەرىكەت كوماندىلىرىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

  لوسانغا جايلاشقان ئولىمپىك موزىيى ئىلگىرى كۈنىگە 1000دىن ئارتۇق تاماشىبىن تەرىپىدىن زىيارەت قىلىناتتى، ئەمدى بۇ مۇزىي 16- مارتتىن باشلاپ ئىككى ھەپتە يېپىلىدۇ. ئېچىلىش ۋاقتى ۋاقتى كەلگەندە قايتىدىن باھالىنىدۇ.

  خەلقئارا ئولىمپىك تەنھەرىكەت كومىتېتى نۆۋەتتە ھەر قايسى تارماقلاردىكى خىزمەتچىلەر ئىچىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار يوقلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ