تەپسىلىي خەۋەر:

توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس مەشئىلىگە گرېتسىيەدە ئوت يېقىلدى

2020.03.13 17:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددەس ئوتى 12-مارت ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەنبەسى بولغان گرېتسىيە پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى ئولىمپىيە خارابىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يىغىۋېلىندى، مەشئەل ئارقىدىنلا گرېتسىيە چېگراسى ئىچىدە يەتكۈزۈلدى.

  يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، بۇ قېتىمقى مۇقەددەس ئوتنى يىغىش مۇراسىمى نەق مەيدانىدا تاماشىبىنلار يوق بولۇپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىدىكى 100 نەپەر رويخەتكە ئالدۇرغان زاتقا ئېچىۋېتىلدى ھەمدە نەق مەيداندا تاراتقۇلارنىڭ سانى قاتتىق چەكلەندى.

  گرېتسىيە زۇڭتۇڭى پروكوپىس پاۋلوپوس، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى توماس باخ، توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى رەئىسىنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ئېندو توشىئاكى، گرېتسىيە ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى سىپىروس كاپلالوس، قەدىمكى ئولىمپىيە شەھىرىنىڭ باشلىقى گېئورگېيوس گېئورگېپروس قاتارلىقلار مۇقەددەس ئوت يىغىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ