كورېيەدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمار سانى 833 كە يەتتى

2020.02.25 18:07 مەنبە: خەلق تورى

  24-فېۋرال، كورېيەنىڭ سىئولدا، يەرلىك ئاھالىلەر لۇڭشەن رايونىدىكى بىر چوڭ تاللا بازىرىدا مال سېتىۋالماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ 24- چېسلادىكى ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىدا ئېيتىلىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 24-چېسلا سائەت 9 دىن 24-چېسلا سائەت 16 گىچە، كورېيەدە يېڭىدىن 70 نەپەر يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان كېسەل كۆپەيگەن، ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمار 833 كە يەتكەن؛ يېڭىدىن بىر بىمار ئۆلگەن، جەمئىي سەككىز بىمار ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ