كورېيەدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇم ئەھۋالىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلدى

2020.02.24 17:35 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، كورېيەنىڭ سىئولدا، كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى يىغىنىدا سۆز قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە زۇڭتۇڭى مون جائىن 23- چېسلا چۈشتىن كېيىن، ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كىرىزىسىدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغان «ئېغىر» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تاقابىل تۇرۇش سىستېمىسىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كورېيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 23-يانۋار سائەت 9 دىن 16 گىچە، كورېيەدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار 46 كىشى بولۇپ، يېڭىدىن بىر كىشى ئۆلگەن. ھازىر كورېيەدە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان بىمارلار سانى جەمئىي 602 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جەمئىي بەش ئادەم ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ