مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كورېيە زۇڭتۇڭى يۇقۇم كىرىزىسىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى

2020.02.24 16:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  كورىيە زۇڭتۇڭى مون جېئىن 2-ئاينىڭ 23-كۈنى كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى كىرىزىسىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش دەرىجىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە ئۆستۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. مون جېئىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى بىر نەچچە كۈن كورېيەنىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇھىم پەيتى، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى، داۋالاش ئەترىتى ۋە بارلىق خەلق بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلىشى كېرەك . كورېيە ھۆكۈمەت قاتلىمىدىكى تاقابىل تۇرۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ.

  كورېيە كېسەللىكنى باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 16 دىن 23-كۈنى سائەت 16 گىچە، كورېيەدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردىن 169ى يېڭىدىن كۆپەيگەن، جەمئىي 602 كىشىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان، بەش كىشى قازا قىلغان. يېڭىدىن كۆپەيگەن 169 بىمارنىڭ ئىچىدە 95 ئىنىڭ يۇقۇمى دايىگۇدىكى مەلۇم دىنىي جەمئىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كورېيەدىكى بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە مەزكۇر دىنىي جەمئىيەتكە مۇناسىۋەتلىك بىمار 326 گە يەتكەن. دايىگۇ شەھىرى بىلەن چىڭشاڭ بېيداۋ مەمۇرىي رايونىنىڭ شىمالىدىكى چىڭداۋ ۋىلايىتىدە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشقانلىقتىن، كورېيە ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئالاھىدە باشقۇرۇش رايونى» قىلىپ بېكىتىپ، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى مەركەزلىك كۈچەيتتى.

  كورېيەنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدىن ئالدىن سىگنال بېرىشى «ئېتىبار بېرىش»، «دىققەت قىلىش»، «ئېھتىيات قىلىش» «ئېغىر» دەپ تۆت دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. «ئېغىر» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلگەندىن كېيىن، ھۆكۈمەت ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى، جۈملىدىن ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە دەرس توختاتقۇزۇش، كوللېكتىپ پائالىيەت قىلىشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا بولىدۇ. كورىيە ھۆكۈمىتى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى مەملىكەت بويىچە بالىلار باغچىسى، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ 2020-يىللىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈپ، 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 9-كۈنىگە سۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، كورېيە يەنە مەركەز ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش بىخەتەرلىك تەدبىرى باش ئىشتابى تەسىس قىلىپ، بۇنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگىنى ئىكەنلىكىنى ھەمدە دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسىنىڭ بۇ ئىشتابنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. سېئۇل شەھىرىنىڭ باشلىقى پاك ۋونسون 2-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سېئۇل شەھىرى يۇقۇمنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، سېئۇل گۇاڭخۇامېن مەيدانى، سېئۇل مەيدانى قاتارلىق شەھەر مەركىزىدە يىغىلىش ئۆتكۈزۈشنى ۋاقتىنچە چەكلەشنى قارار قىلدى. سېئۇل شەھىرى يەنە 2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ تاكى مەھەللە يۇقۇملىنىشى نۆلگە تۆۋەنلىگەنگە قەدەر ياشانغانلار پاراۋانلىق ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال ئەسلىھەلىرى قاتارلىق 3467 ئورۇننى ۋاقىتلىق تاقاشنى قارار قىلدى.تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ كورېيەدە تارقىلىشى مەھەللىدە يۇقۇملىنىش باسقۇچىغا كىردى، بىمارلارنىڭ كەلگۈسىدە داۋاملىق كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە. «كورېيە مىللەت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان باش ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: كورېيەنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىستېمىسى ۋىرۇسنىڭ كىرىشىنى توسۇش باسقۇچىدىن مەھەللىدە يۇقۇملانغان بىمارلارنى تېزدىن تەكشۈرۈپ چىقىپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش باسقۇچىغا ئۆتۈشى كېرەك. بولۇپمۇ دايىگۇ ۋە چىڭشاڭ بېيداۋ مەمۇرىي رايونىدا شۇنداق قىلىش كېرەك، بۇ رايونلارنىڭ پايتەخت چەمبىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا داۋالاش ئۇل ئەسلىھەلىرى نىسبەتەن ئاجىز، شۇ جايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس، قوشنا جايلار، مەركىزىي ھۆكۈمەت، ھەتتا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچى بىلەن قوللاش كېرەك. يۇقۇم جىددىي كېڭىيىۋاتقان ئەھۋالدا، كورېيە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ