«ئالماس مەلىكە» ناملىق پوچتا پاراخوتىدىكى بىر قىسىم جۇڭگولۇق يولۇچىلار ئايروپىلان بىلەن شياڭگاڭغا قايتتى

2020.02.20 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 20-كۈنى، ياپونىيە توكيو خانېدا ئايرودرومىدا، «ئالماس مەلىكە» ناملىق پوچتا پاراخوتىدىكى جۇڭگولۇق يولۇچىلار (سولدا) پوكەيدە يۈك-تاقلارنى يوللىماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئالماس مەلىكە» ناملىق پوچتا پاراخوتىدىكى يولۇچىلار 19-چېسلادىن باشلاپ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ پاراخوتتىن چۈشتى. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلىشى بىلەن، جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى زىچ ماسلىشىش ئارقىلىق، ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت ئايروپىلان ھۆددىگە ئېلىپ، جۇڭگولۇق يولۇچىلارنى شياڭگاڭغا چېكىندۈردى. تۇنجى كۆتۈرە ئېلىنغان ئايروپىلان 20-چېسلا توكيونىڭ خانېدا ئايرودرومىدىن ئۇچتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ