كورېيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لى مىڭبو 2-سوتتا 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

2020.02.20 16:32 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 19-كۈنى لى مىڭبو (ئالدىدا) كورېيە سىئول يۇقىرى سوت مەھكىمىسىگە يېتىپ باردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورېيە سىئول يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 19-فېۋرال سابىق زۇڭتۇڭ لى مىڭبونىڭ خىيانەتچىلىك دېلوسىغا 2- سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، لى مىڭبوغا 17 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 13 مىليارد ۋون (تەخمىنەن 10 مىليون 930 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى) جەرىمانە قويدى.

  2018-يىلى 4-ئايدا، كورېيە تەپتىش تەرەپ خىيانەتچىلىك قاتارلىق كۆپ خىل جىنايەت بىلەن لى مىڭبونى ئەيىبلىدى. شۇ يىلى 10-ئايدا سىئول مەركىزىي يەرلىك سوت مەھكىمىسى 1- سوتتا لى مىڭبوغا 15 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى ھەمدە 13 مىليارد ۋون جەرىمانە قويدى. لى مىڭبو ھۆكۈمگە قايىل بولماي نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

  سوت مەھكىمىسى 2-سوتتا، لى مىڭبونىڭ ئۆزى ئەمەلىي كونترول قىلىۋاتقان DAS شىركىتىنىڭ 25 مىليارد 200 مىليون ۋون (تەخمىنەن 21 مىليون 180 مىڭ دوللار) پۇلىنى يۈتۈۋالغانلىقىنى، سەنشىڭ شىركىتىدىن 8 مىليارد 900 مىليون ۋون (تەخمىنەن 7 مىليون 480 مىڭ دوللار) پارا ئالغانلىقىنى بېكىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوت مەھكىمىسى يەنە لى مىڭبونىڭ كورېيە دۆلەت ئاخبارات مەھكىمىسى، پارلامېنت ئەزاسى قاتارلىقلاردىن ئوخشىمىغان سوممىدا پارا ئالغانلىقىنى بېكىتتى. بۇ قېتىم سوت مەھكىمىسى بېكىتكەن دېلوغا چېتىشلىق ئومۇمىي سومما 1-سوتتىكىگە قارىغاندا كۆپەيگەنلىكتىن، 2-سوتتا ھۆكۈم قىلىنغان جازا ئۆلچىمى مۇناسىپ ئېغىرلاشتى.

  سوت مەھكىمىسى شۇ كۈنى ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، جاۋابكار لى مىڭبو ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىدىن يۈز ئۆرۈپ، زور سوممىلىق پارا ئالغان، جىنايىتى پاش بولغاندىن كېيىن يەنە تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىنكار قىلىپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى باشقىلارغا دۆڭگەپ قويغان، تولۇق دەلىل-ئىسپات ئالدىدا يەنىلا خاتالىقى ئۈستىدە ئويلانمىغان، دېدى.

  لى مىڭبو 1941-يىلى تۇغۇلغان، 2008-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە كورېيە زۇڭتۇڭى بولغان. ئۇ 2018-يىلى 3- ئاينىڭ 22-كۈنى خىيانەتچىلىك ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان، 2019-يىلى 3-ئايدا كېپىللىككە قويۇپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىنغان. 2- سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، لى مىڭبونىڭ كېپىللىككە قويۇپ بېرىلىش سالاھىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، سوتنىڭ ئۆزىدە قولغا ئېلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ