بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان 12 خىل ھايۋاناتنىڭ سۈرەتلىك پوچتا ماركىسىنى تارقاتتى

2020.02.19 17:46 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 18-فېۋرال نيۇيوركتىكى ب د ت باش ئىشتابىدا سۈرەتكە ئېلىنغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر يۈرۈشلۈك پوچتا ماركىسى ئېلانى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسى 17-فېۋرال «ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش تۈرلەر كۆچۈش ئەھدىنامىسى» بىلەن ھەمكارلىشىپ يولغا قويغان 27- نۇسخىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەر يۈرۈشلۈك پوچتا ماركىسىنى تارقاتتى. پورتۇگالىيەلىك لايىھەلىگۈچى ساندىرا ماسىئېلا لايىھەلىگەن بۇ پوچتا ماركىلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كۆپ خىل ھايۋانلارنى، جۈملىدىن چوڭ بولقا باشلىق ئاكۇلا، ئاندېس قىزىل قانات، دارما ساقىيقۇشى، مىسىر ئاق باش بۈركۈتى، شىزاڭ قۇلىنى قاتارلىقلارنى نامايان قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ