يىراقتىن كەلگەن تىلەكلەر-كولۇمبىيە قىزلىرى جۇڭگوغا مەدەت بەردى

2020.02.17 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، لېكىن خەلق قەلبى بىر بولدى. شۇ جايدىكى ئامما جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. بەزى دۆلەتلەردە، بالىلار قولىغا قەلەم ئېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگونى قوللاش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتىكى سۆزلىرىنى يېزىپ، ئۇلارغا يىراقتىكى سەمىمىي تىلەكلىرىنى ئەۋەتتى. 2- ئاينىڭ 7- كۈنى، كولومبىيەنىڭ پايتەختى بوگوتادا 11 ياشلىق قىز ئاننا سوفىيە يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا مەدەت بەردى. ئۇ: جۇڭگو دۇچ كىلىۋاتقان بۇ مۈشكۈل پەيتتە، بىز كولومبىيەدىكىلەر سىلەرگە بەخت تىلەيمىز ۋە سىلەرنى قوللايمىز، دەپ يازدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ