مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چەتئەل پارتىيەلىرى، سىياسىيونلىرى جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي ئۈنۈمىگە يۇقىرى باھا بەردى

2020.02.17 14:52 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارتىيەلىرى، سىياسىيونلىرى يېقىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمىگە تېلېگرامما يوللاپ ۋە خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي ئۈنۈمىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ چوقۇم يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى ھەم ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز دېدى.

  ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا تېلېگرامما يوللاپ مۇنداق دېدى: يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، بىز جۇڭگو خەلقى بىلەن ئوخشاش ھېسسىىياتتا. جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ دانا تەدبىرلىرى ھەم كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇم ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز. ۋىيېتنام كومپارتىيەسى، ۋىيېتنام ھۆكۈمىتى ۋە ۋىيېتنام خەلقى داۋاملىق چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، پائال ماسلىشىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  بېنگال خەلق ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى ھاسىنا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، جۇڭگو دەرھال قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، نۇرغۇن جىددىي ئەھۋال دوختۇرخانىلىرىنى تېزدىن سېلىش، بىمارلارنى مەركەزلىك قوبۇل قىلىپ داۋالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يۇقۇمنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى، بۇ-يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. بېنگال ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى دوست جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى بىلەن باشتىن-ئاخىر بىر سەپتە تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ مۇشۇنداق قىيىن پەيتتە جۇڭگودىكى نۇرغۇن بېنگال پۇقرالىرىنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئالغانلىقىغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ.لائوس خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پانكان مۇنداق دېدى: لائوس جۇڭگونىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە قوللانغان كەسكىن، كۈچلۈك تەدبىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقىنىڭ چوقۇم يۇقۇمدىن ئۈستىدىن بالدۇرراق غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ، لائوس بىر قىسىم يامان غەرەزلىكلەرنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ جۇڭگوغا يامان نىيەتتە قارا چاپلاش قىلمىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئېغىر كۈنلەردە بىلەن بولغان لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى سۈپىتىدە، لائوس باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ.

  سىرىلانكا كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى گۇنناسېكرا مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس-جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا خەلقىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالماقتا، جۇڭگو رەھبەرلىرى بارلىق بايلىق ھەم ۋاسىتىلەرنى كەسكىن ئىشقا سېلىپ، يۇقۇمنىڭ يامرىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىدى. بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئىنسانىيەت ئىشلىرىغا قوشقان تۆھپىسىگە چوڭقۇر ئاپىرىن ئوقۇيمىز ھەم ئۇنىڭغا قايىل. ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا، بىز جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ چوقۇم يۇقۇمدىن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئىقتىسادنى قايتىدىن جانلاندۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

  نامىبىيە خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى شاۋانىن مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مىللىتى جاپا-مۇشەققەت، قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈپمۇ يەنىلا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇم-جۇڭگو خەلقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىتتىپاقلاشتۇردى، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىمىز، جۇڭگونىڭ چوقۇم بۇ قېتىمقى خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  ئېفىيوپىيە گۈللىنىش پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى بىناف مۇنداق دېدى: ئېفىيوپىيە گۈللىنىش پارتىيەسى جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرىدۇ، بىز جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز، يېقىنقى مەزگىلدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئىجابىي ئۆزگىرىشىمۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزنى چىڭىتتى.

  بۇندىن باشقا، بېرما فېدېراتسىيەسى ياخشىلاش پارتىيەسىنىڭ رەئىسى رۇيمان، ھىندىستان كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى راجا، لىۋان ئىتتىپاق پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مۇراد، ئىسرائىلىيە «ئىسرائىلىيە-بىزنىڭ ماكانىمىز» پارتىيەسى پارلامېنت پارتىيە گۇرۇھىنىڭ رەئىسى فۇرىر، سېررالېئون خەلق پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى كوروما، يېشىل تۇمشۇق دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ باش شۇجىسى مونتېرو، نىگېر دېموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە سوتسىيالىزم پارتىيەسى رەئىسى بازۇمۇ، چاد ۋەتەنپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىنىڭ باش شۇجىسى بادا، بىرازىلىيە دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى دىياز، ئاۋسترالىيە كومپارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك رەئىسى مولىنا، گېرمانىيە كومپارتىيەسىنىڭ رەئىسى كېبىللى قاتارلىقلارمۇ تېلېگرامما يوللاپ ياكى خەت ئەۋەتىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ