دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى جۇڭگونىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ھەرىكىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ باشقا رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، دېدى

2020.02.14 17:59 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس (ئالدىنقى رەت ئوڭدا) مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تېدروس 12-فېۋرال مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئىنسانلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، پەقەت ئىتتىپاقلاشقاندىلا ئاندىن يۇقۇم ئەھۋالىنى يەڭگىلى بولىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: جۇڭگو قوللانغان كەڭ كۆلەملىك ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش ھەرىكىتى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ دۇنيادىكى باشقا رايونلاردا كەڭ كۆلەمدە يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ