خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە سابىق فېدېراتىپ گېرمانىيە (غەربىي گېرمانىيە) ئاخبارات تارماقلىرى 20-ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپ شىۋېيتسارىيەنىڭ شىفىرلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى بىلەن تەمىنلەش سودىگىرى بولغان كرىپتو AG شىركىتىنى مەخپىي كونترول قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتىنى ئىگىلىگەن، ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيە تەرەپ چېكىنىپ چىققان، ئامېرىكا 2018-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ ئاخباراتنى ئوغرىلاش ھەرىكىتىنى توختاتقان.
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكا ئەزەلدىن ئۆزىنى «تور بىخەتەرلىكىنى قوغدىغۇچى» دەپ ئاتاپ، باشقا دۆلەتلەرنى تور ھۇجۇمى قوزغىغان دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىدى، لېكىن ئۆزىدىكى داغ ۋە رەزىللىكلەرنى كۆرمەسكە سالدى. بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان شىۋېيتسارىيە شىركىتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئاخباراتلىرىنى ئوغرىلاش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ <ئوغرىنىڭ ئوغرىنى تۇت> دەپ ۋارقىرىشىدەك تور زومىگەرىلىك تەپەككۇرىنى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ