مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى دۇنياۋى تەتقىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتا، جۇڭگو ئۆزگىچە ھەرىكەت كۈچىنى نامايان قىلدى»

2020.02.14 17:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى دۇنياۋى تەتقىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇنبىرى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەرنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن «يەر شارىۋى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەتقىقات ھەمكارلىق تەشكىلاتى» بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «پەن تەتقىقات لۇشيەن خەرىتىسى» ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تەتقىقات كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەتقىقات مۇھىم نۇقتىسىنى بېكىتىپ، دىياگنوز قويۇش-داۋالاش لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلىش ۋە ۋاكسىنا ياساشقا تۈرتكە بولۇش ئۇلارنىڭ نىشانلىرىنىڭ بىرى.

  400دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارنىڭ ۋەكىلى نەق مەيداندا ياكى توردا مۇنبەرگە قاتناشتى. پۈتۈن دۇنيادىكى پەن تەتقىقات خادىملىرى مۇنداق قارىدى: قىسقا مەزگىللىك تەتقىقاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېخىمۇ ئاددىي بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، دوختۇرخانىدا ياتقان ئاغرىقلارنى داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىلەن تەمىنلەش، ئېپىدېمىئولوگىيەگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاكسىنا ۋە داۋالاش دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئوتتۇرا مەزگىللىك تەتقىقاتنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان زاتلار جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى كۈچلۈك تەدبىرى ۋە نامايان قىلغان چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، يۇقۇمنى تېزدىن توسۇشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك، دەپ قارىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ