ب د ت تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى جۇڭگوغا جىددىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلدى

2020.02.13 17:11 مەنبە: خەلق تورى

  2-ئاينىڭ 12-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار ب د ت تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى ئىئانە قىلغان داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇماقتا.

  شۇ كۈنى ب د ت تەرەققىيات-پىلان مەھكىمىسى جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى جىددىي داۋالاش ماددىي ئەشيالىرىنى ئىئانە قىلىپ، بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى 2- ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭدىكى ب د ت بىناسىدا جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە كىلىنىكىلىق ئېلېكتىرو كاردىئوگرامما كۆزىتىش سىستېمىسى، سۇيۇقلۇق يوللاش پومپىسى قاتارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بار. بۇنىڭدىن باشقا، نۆۋەتتە بىرىنچى سەپتىكى داۋالاش خادىملىرىغا زۆرۈر بولغان شەخسىي قوغدىنىش بۇيۇملىرىمۇ يېقىندا يەتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ