خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2020-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەئىس دۆلىتى رۇسىيە رەئىس باياناتى ئېلان قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا قارشى تۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يۇقۇم ئەھۋالىغا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارى ۋە رايونلارنىڭ ئاممىۋى سەھىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مۇراجىئەت قىلىدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مەسئۇل بولۇش ۋە ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش روھى بويىچە ئورتاق تىرىشىپ، يۇقۇم ئەھۋالىنى تېزدىن كونترول قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. يۇقۇم ئەھۋالىغا تاقابىل تۇرۇشتا كەمسىتىش، نامىنى بۇلغاش ۋە زىيادە ئىنكاستىن ساقلىنىش كېرەك. ئاممىۋى تازىلىققا تەھدىت سالىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر پەن تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى قوللايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ