مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى نەچچە يۈز ئادەمنىڭ مېڭىسىنى زەخىملەندۈردى

2020.02.12 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 10-فېۋرال، ئىراقتا تۇرۇشلۇق 100دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئىراننىڭ 1- ئايدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن يېنىك دەرىجىدە مېڭىسى زەخىملەنگەنلىكىنى دەلىللىدى. بۇ سانلىق مەلۇمات داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن.

  ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئىراقتا تۇرۇشلۇق 109 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ يېنىك دەرىجىدە يارىلىنىش خاراكتېرلىك مېڭىسى زەخىملەنگەنلىكىگە ئېنىق دىياگنوز قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 76سى ئىش ئورنىغا قايتىپ كەلدى، 26 سى گېرمانىيە ياكى ئامېرىكىدا داۋالىنىۋاتىدۇ، يەتتىسى ئىراقتىن گېرمانىيەگە بېرىپ باھالاش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.

  ئەڭ يېڭى سان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بىر ھەپتە بۇرۇن ئېلان قىلغان 64 دېگەن ساندىن كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى.

  ئىران 1-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئىككى ھەربىي بازىسىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى قاسىم سۇلايماننى ئۆلتۈرگەنلىكىدىن ئۆچ ئالدى. ئامېرىكا دەسلەپتە: ھۇجۇمدا ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى، دېدى. تەخمىنەن بىر ھەپتىدىن كېيىن، بەش بۇرجەك بىنا بىر قىسىم ئەسكەرلەرنىڭ مېڭىسى زەخىملەنگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئارقىدىن قەرەللىك ھالدا ئادەم سانىنى يېڭىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ