خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئۇچۇر سۇپىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ كارخانا، تاراتقۇ، ئاممىنى يۇقۇم ئۇچۇرىغا ئېرىشىشنىڭ يېڭى يولى بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يۇقۇملۇق كېسەل خەۋپى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى برىئاند مۇنداق دېدى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى ھازىر «دۇنيا خاراكتېرلىك تارقىلىشچان كېسەللىك» ئەمەس.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە برىئاند مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى توستى، ھازىرقى باسقۇچتا ئەڭ مۇھىم بولغىنى «بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئايرىش»تۇر.
ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تەتقىق قىلىپ بايقىشىچە، ھازىرقى باسقۇچتىكى ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ئاساسلىقى چاچراندى شۇنداقلا يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىكەن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋىرۇسقا قارشى ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورىنى بايقىمىغان. برىئاند يەنە مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى بايقالمىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئىلمىي مۇئامىلە قىلىش، ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە داۋالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ