ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى ترامپنى ئەيىبلەش دېلوسىغا رەسمىي قاراپ چىقىشنى باشلىدى

2020.01.22 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 1-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا، ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ داھىيسى ماك كوننېل (ئالدىدىكى) كېڭەش پالاتاسىغا باردى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسى 21-يانۋار چۈشتىن كېيىن زۇڭتۇڭ ترامپقا قارىتىلغان ئەيىبلەش دېلوسىغا رەسمىي قاراپ چىقىشقا باشلىدى، تۇنجى كۈنىدىكى قىزىق نۇقتا دەل ئەيىبلەش دېلوسىغا قاراپ چىقىش تەرتىپى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى ئۈستىدە مۇنازىرە ۋە بېلەت تاشلاش بولدى.

  كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسى (جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى) نىڭ داھىيسى ماك كوننېل شۇ كۈنى رەسمىي تاپشۇرغان قارار لايىھەسىگە ئاساسەن، ئەيىبلەش دېلوسىغا قاراپ چىقىش ئاساسلىقى دېلو ئېچىش بايانى، گىرەلەشمە سوئال سوراش، كېڭەش پالاتاسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ گۇۋاھچىنى چاقىرتىش-چاقىرتماسلىق ياكى تېخىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈپ ئاۋازغا قويۇش قاتارلىق باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  قارار لايىھەسىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: 22-يانۋاردىن باشلانغان دېلو ئېچىش بايانىدا، شىكايەت قىلغۇچى تەرەپ بولغان ئاۋام پالاتاسى دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ «باشقۇرغۇچىسى» ۋە ئاقلىغۇچى تەرەپ بولغان ترامپنىڭ ئادۋوكاتلار كوللېكتىپى ئەڭ كۆپ بولغاندا 24 سائەتلىك بايان قىلىش ۋاقتى بولىدۇ، ئۈچ سوتلاش كۈنى ئىچىدە ئىشلىتىلىپ بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ پىكرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى زاسېداتېل بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپتىن گىرەلەشمە سوئال سورىسا بولىدۇ، سوئال سوراش ۋاقتى 16 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، لېكىن كۈن سانى چەكلەنمەيدۇ.

  قارار لايىھەسىدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: سوئال سوراش باسقۇچى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى سائەتتىن بايان قىلىش ۋاقتى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلىگۈچى ۋە ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپنىڭ تېخىمۇ كۆپ گۇۋاھچىلارنى چاقىرتىشىغا رۇخسەت قىلىش-قىلماسلىق ياكى تېخىمۇ كۆپ دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشى ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلىپ ۋە ئاۋازغا قويۇپ، ئاندىن ئەيىبلەش دېلوسىغا قاراپ چىقىش قائىدىسى بويىچە باشقا تەكلىپلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ. تۈرلۈك مۇزاكىرە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كېڭەش پالاتاسى ئاۋام پالاتاسى تاپشۇرغان ئىككى تۈرلۈك ئەيىبلەش ماددىسىنى ئايرىم- ئايرىم ئاۋازغا قويۇشى كېرەك.

  قارار لايىھەسىگە قارىتا، كېڭەش پالاتاسى ئاز سانلىقلار پارتىيەسى (دىموكراتلار پارتىيەسى)نىڭ داھىيسى شۇمېر ماك كوننېلنى ترامپنى «قانات ئاستىغا ئالدى» دەپ ئەيىبلەپ، تۈزىتىش ماددىلىرىنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ماك كوننېل كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تۈزىتىش ماددىلىرىنى رەت قىلىش ھەمدە قارار لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا يېتەرلىك بېلەت سانى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ماك كوننېل تاپشۇرغان قارار لايىھەسىدە بەلگىلەنگەن ئەيىبلەش تەرتىپى ئاقسارايغا پايدىلىق، دەپ قارىدى.

  ترامپ 20-يانۋار تاراتقۇلاردا: شۇمېر ۋە ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر ئەزەلدىن ماڭا «ئادىل» مۇئامىلە قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىدى.

  2019-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى ئىككى تۈرلۈك ئەيىبلەش ماددىسىنى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاپ، ترامپنى خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلانغان ۋە پارلامېنتقا توسقۇنلۇق قىلغان، دەپ ئەيىبلىدى. ترامپ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن ئۈچىنچى زۇڭتۇڭ بولۇپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن، كېڭەش پالاتاسى ئەيىبلەش دېلوسىنى قاراپ چىقىدۇ، ئەيىبلەنگەن جىنايەتنى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن ئىككى قىسىم، يەنى 67 ئەزاسى بېلەت تاشلاپ قوللىسا، ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. ھازىر كېڭەش پالاتاسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ 53 ئەزاسى، دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ 45 ئەزاسى ۋە ئادەتتە دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە بېلەت تاشلايدىغان ئىككى نەپەر مۇستەقىل كېڭەش پالاتا ئەزاسىدىن تەركىب تاپتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ