مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

رۇسىيەدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت تەشكىللەندى

2020.01.22 16:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 21-يانۋار زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئورگىنى قۇرۇلمىسىنى بېكىتتى ھەمدە مۇئاۋىن زۇڭلى، مىنىستىر قاتارلىق يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنى تەيىنلىدى.

  كرېمىل سارىيى تور بېكىتى ئېلان قىلغان زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئاساسەن، رۇسىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىدە توققۇز مۇئاۋىن زۇڭلى تەسىس قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 1-مۇئاۋىن زۇڭلىلىقنى بېلوۋسوف ئۈستىگە ئالدى؛ مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرلىقىنى گرىگولېنكو ئۈستىگە ئالدى؛ مۇئاۋىن زۇڭلى، قوشۇمچە زۇڭتۇڭنىڭ يىراق شەرق فېدېراتسىيە رايونىدا تۇرۇشلۇق تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىللىكىنى تروتنېف ئۈستىگە ئالدى.

  زۇڭتۇڭ پەرمانىدا 21 مىنىستىرنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىمى يېڭى تەيىنلەنگەن كىشىلەر بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق مىنىستىرلىقلارنىڭ مىنىستىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ، ئېنېرگىيە مىنىستىرى نوۋاك قاتارلىقلار داۋاملىق ئەسلىي ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، زوڭتۇڭ پەرمانىدا جاكارلىنىشىچە: شىمالىي كاۋكاز ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ فۇنكسىيەسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى؛ رۇسىيە فېدېراتسىيەسى دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىقىدىن مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كرېمىل سارىيى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن شۇ كۈنى يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۇچ كەلگەن ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىنىڭ پۇقرالارنىڭ پاراۋانلىقىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت تۈزۈلمىسىنى كۈچەيتىش ۋە رۇسىيەنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى مۇستەھكەملەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  پۇتىن مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ ئىككى پالاتاسىغا دۆلەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى، ئارقىدىن زۇڭلى مېدۋېدېۋ ئوتتۇرىغا قويغان ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىدى. 16-كۈنى پۇتىن زۇڭتۇڭ پەرمانىغا ئىمزا قويۇپ، مىشۇسكىننى يېڭى بىر نۆۋەتلىك فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ