نيۇيوركتا جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىپ چاغاننى تەبرىكلىدى

2020.01.21 14:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19-يانۋار، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ياشلارنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنىدا، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار بىرلىكتە تۈگرە تۈگۈشنى ئۆگەندى. شۇ كۈنى، جۇڭگونىڭ نيۇيوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى جۇڭگو ۋە چەت ئەل ياشلىرىنىڭ چاغاننى كۈتۈۋېلىش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، نيۇيورك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە يالې ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئامېرىكىدىكى 20 نەچچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 200دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىپ، جۇڭگو دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان يېڭى يىلنى تەبرىكلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ