ئۇكرائىنا ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ پاساجىرلار ئايروپىلانى ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئۇكرائىنالىقلارنىڭ جەسىتى ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ ئاپىرىلدى

2020.01.20 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- يانۋار ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋتىكى كىيېۋبورسپول خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئاۋىئاتسىيە بىناسىدا، شۇ جايدىكى ئامما ئۇكرائىنا ئاۋىياتسىيەسىنىڭ پاساجىرلار ئايروپىلانى ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  ئۇكرائىنا خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ پاساجىرلار ئايروپىلانى ۋەقەسىدە قازا قىلغان 11 نەپەر ئۇكرائىنا پۇقراسىنىڭ جەسىتى شۇ كۈنى ئۇكرائىنا پايتەختى كىيېۋتىكى كىيېۋبورسپول خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي، زۇڭلى گونچارۇك ۋە ئۇكرائىنا خەلقئارا ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. ئايرودرومنىڭ ئاۋىئاتسىيە بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىدە زېلېنىسكى قاتارلىقلار قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى ھەمدە قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ