يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ چاشقان يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى

2020.01.19 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:1- ئاينىڭ 18- كۈنى، يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەر ئاۋكلاندتا، يېڭى زۇڭلى جېسىندا ئادن ( ئالدىنقى رەت ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى)«چاغانلىق گۈل بازىرى بىرگە بولسۇن» پائالىيىتىگە قاتناشتى. يېڭى زېلاندىيەدىكى جۇڭگولۇقلار ئىجتىمائىي تەشكىلاتىنىڭ دېھقانلار كالىندارى بويىچە يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدىغان چاغاننى كۈتۈۋېلىش پائالىيىتى «چاغانلىق گۈل بازىرى بىرگە بولسۇن» پائالىيىتى 18- چېسلا يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئوكلاندتا ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى زېلاندىيە زۇڭلىسى جېسىندا ئادن قىزىل كىيىم بىلەن پائالىيەتكە قاتناشتى، ئۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ يېڭى زېلاندىيەگە قوشقان تۆھپىسىنى ماختىدى ھەمدە يېڭى زېلاندىيە بىلەن جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكى، مەزمۇت بولغانلىقى ۋە مەۋقەنى كەلگۈسىگە قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ