پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلدى

دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش مۇراجىئەت قىلىندى

2020.01.16 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 1-ئاينىڭ 15-كۈنى موسكۋادا رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككى پالاتاسىغا دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدا دوكلات ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: ب د ت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان يېڭى يولنى بېكىتىشى، بۇ يول ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ نۇقتىدىن ئويلىنىشىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى كېرەك.

  رۇسىيە زۇڭتۇڭ تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتتا مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: يېقىنقى بىرنەچچە ھەپتىدىن بۇيان، دۇنيا خەلقى ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدا يۈزبەرگەن مۆلچەرلىگۈسىز ئۆزگىرىشلەرنى، رايونلار توقۇنۇشىنىڭ قانداق قىلىپ جىددىي ئۆزگەرگەنلىكىنى ھەم خەلقئارا جەمئىيەتكە پەيدا قىلغان تەھدىتىنى كۆردى. يۇقىرىقىدەك ۋەزىيەت ئالدىدا «مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق مەسئۇلىيىتىنى تونۇشى ھەم ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك، يۇقىرىدا ئېيتىلغان مۈشكۈل مەسىلە ۋە دۇنيا تەرتىپىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئاساسىي پىرىنسىپ مەسىلىسىنى ئەستايىدىل بىۋاسىتە مۇزاكىرە قىلىشى ھەم بۇنىڭغا بولغان سىياسىي ئارزۇسى، ئەقىل-پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى ئىپادىلىشى كېرەك».

  پۇتىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ب د ت نى قۇرغۇچى ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ تۈردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ب د ت خەۋپسىزلىكى كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەتنىڭ زىممىسىگە ئىنسانلارنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى كاپالەتلەندۈرۈشتەك ئالاھىدە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن، «ئەزا بەش دۆلەت» تەدبىر قوللىنىپ، دۇنياۋى چوڭ ئۇرۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەرنى تۈگىتىپ، دۇنيانىڭ مۇقىملىقىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان يېڭى يولنى بېكىتىشى، بۇ يول ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋىتىدىكى سىياسەت، ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلار توغرىسىدىكى ئويلىنىشنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.

  «رۇسىيە يۇقىرىقى ئۈمىدى بويىچە بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ» پۇتىن مۇنداق دېدى: رۇسىيە ھېچقانداق دۆلەتكە تەھدىت سالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئۈمىدىنى باشقىلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ۋاقتىدا، تولۇق مۇستەھكەملەش جەھەتتە پۇختا قەدەم باستى.

  پۇتىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئون نەچچە يىللىق دۆلەت مۇداپىئە كۈچى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، لېكىن بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، كەلگۈسى نەچچە ئەۋلاد ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشى كېرەك. رۇسىيە نۆۋەتتە ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى تاماملاۋاتىدۇ، ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك كاپالىتى رۇسىيەنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە ئاساس سېلىپ، رۇسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا پايدىلىق. دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە خەلقنىڭ بەختى، ئىناقلىقى، سىڭىشىشى كەلگۈسى تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ